شىركەت تىزىملىتىش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە كېرەكلىك ماتىرىياللار

شىركەت تىزىملىتىش قەدەم باسقۇچلىرى ۋە كېرەكلىك ماتىرىياللار:
1- شىركەت ئىسمىنى مۇقىملاشتۇرۇش(شىركەت ئۈچۈن بىرقانچە ئىسىم ئويلىشىپ قويۇڭ، چۈنكى، تاللىغان شىركەت ئىسمى تەستىقلانماسلىقى مۈمكىن)؛
2-شىركەت قانۇنى ۋەكىلى،پايچىكلىرى، نازارەتچى قاتارلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇڭ؛(قانۇنى ۋەكىلىدىن باشقا پايچىك بولسا شۇ كىشىنىڭ كىملىكى لازىم، نازارەتچى قانۇنى ۋەكىلىدىن سىرت پايچىك بولسىمۇ ياكى باشقا كىشى بولسىمۇ بولىدۇ.)
3-شىركەت تىجارەت دائىرىسىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ؛( شىركەت تىزىملاتقاندا تىجارەت دائىرىسىنى سېستىمىدىن تاللايمىز، تاللاشتىن بۇرۇن مەلۇم دائىرىدە پىلان بولۇشى كىرەك.)
4-شىركەت كاپىتال سوممىسىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ؛
5-شىركەت ئىشخانا ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ؛(ئەگەر مۇقىم ئۇرۇن بولمىسا شىركەت قۇرۇش بازىلىرىدىن ئىجارە ئېلىشقا بولىدۇ؛) ئىشخانا قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ ئىجارە توختىمى،ئۆي خېتى،ھەقسىز ئىشلىتىش ئىسپاتى(بەزى ئورۇنلار تەلەپ قىلىدۇ) قاتارلىق ماتىرىياللارنى تەييارلىشىڭىز كىرەك(رەسىم ھالىتىدە بولسىلا بولدى)؛


شىركىتىمىزنىڭ ئورنى ئۈرۈمچىدە بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىكى شىركەت-كوپراتىپلارنى تىزىملىتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ۋاكالەتچىلىك ھەققى 500 يۈەن. ئەگەر ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىلمىسا ۋاكالەتچىلىك ھەققى تولۇق قايتۇرىلىدۇ؛
ئۈرۈمچىدە شىركەت قۇرسىڭىز شىركىتىڭىزنىڭ مالىيە بۇغالتىرلىق ئىشلىرىنى ۋاكالىتەن بىجىرىپ بېرىمىز؛مالىيە بۇغالتىرلىق ھەققى ئېيىغا 300 يۈەندىن 600 يۈەنگىچە بولۇپ، شىركىتىڭىزنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىغا قارىتا بىكىتىلىدۇ؛
ئۈرۈمچىدە شىركەت ئىشخانىسى يوق ھالەتتە شىركەت تىزىملاتماقچى بولسىڭىز، شىركەت بازىلىرىدىن ئىجارە ئالسىڭىز بولىدۇ، ئىجارە ھەققى ئېيىغا 200 يۈەن، يىللىقنى بىراق تاپشۇرىسىز؛
ھەمبەھىرلەش