ئۈرۈمچى شەھىرىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تۈپ سانى تەڭشەلدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ خەۋىرى (مۇخبىر شى چۈەنجى) شەھىرىمىزنىڭ 2021-يىللىق يەككە ياكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ئېلان قىلىندى. ئاساسى سان تەڭشەلگەنلىكتىن، بۇ ئايدا سۇغۇرتىغا قاتناشقان يەككە ياكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 11-ئايلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرغاندىن باشقا، يەنە 1-ئايدىن 10-ئايغىچە پەيدا بولغان ئاساسى سان پەرقىنى تولۇقلاپ تاپشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. 
11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 ـ يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر ـ بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشى ۋە شەھەر ـ بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ۋەزىنلىك ھېسابلانغان ئومۇمىي ئۆلچەملىك شەھەر ـ بازار ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاشى 78 مىڭ 372 يۈەن( 6531 يۈەن / ئاي)بولغان. 2021 ـ يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ تۆۋەن چېكى 3681 يۈەن / ئاي، شەخسلەر ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ يۇقىرى چېكى 19 مىڭ 593 يۈەن / ئاي بولغان. 
شەھىرىمىزدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان يەككە ياكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار 3681 يۈەندىن 19593 يۈەنگىچە بولغان ئارىلىقتا ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سان ئۆلچىمىنى تاللىسا بولىدۇ. ھەق تاپشۇرۇش سوممىسى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تاللاپ بېكىتكەن ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانى ئۆلچىمىنىڭ% 20 بويىچە ھېسابلىنىدۇ، سوممىسى ھەر ئايدا 736.2 يۈەندىن، ھەر ئايدا 3918.6 يۈەنگىچە بولىدۇ. 
مۇشۇ ئايدىن باشلاپ، شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزى 19-چېسلا يېڭى ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى بويىچە تۈركۈملەپ ھېسابات تۇرغۇزىدۇ. يېڭى ھەق تاپشۇرۇش تۈپ سانىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن، بۇ يىل 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە پەيدا بولغان تۈپ سان پەرقى تۈپەيلىدىن، 11 ـ ئايدا بىرلىكتە تۈركۈملەپ ھېسابات تۇرغۇزۇلىدۇ ھەم باج ئېلان قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار باج كېلىشىمى ئىمزالىغان ھەق تاپشۇرۇش بانكا كارتىسىغا يېتەرلىك پۇل ئامانەت قويسا ياكى« شىنجاڭ باج، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش» ئۈندىدار كىچىك تەرتىپىگە كىرىپ تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ. 

خەۋەر مەنبەسى: باش خەۋەرلەر تورى

 

ھەمبەھىرلەش