« ئىدارە-ئورگانلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» بىلەن« شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» نىڭ قانداق پەرقى بار؟

مەن ئىشلەۋاتقىلى ئۈچ يىل بولدى، ھەر ئايدا قولۇمغا تارقىتىپ بېرىلگەن مائاش 5000 يۈەندىن يۇقىرى، لېكىن ئىدارە بۇ بىر نەچچە يىلدا مەن ئۈچۈن تاپشۇرغان ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى 3500 يۈەن بويىچە تاپشۇرغان، بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟ 
ئىدارە سىزنىڭ ئەمەلىي مائاشىڭىز بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرۇپ بەرمىسە قانۇنغا خىلاپ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قانۇنىدا، ئورۇنلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچۈن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش تۈپ سانى مائاش، مۇكاپات پۇلى، ياردەم پۇل قاتارلىق كىرىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شىنجاڭدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش تۈپ سانى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ% 60 ىدىن تۆۋەن بولسا، % 60 بويىچە تاپشۇرىدۇ؛ % 300 تىن يۇقىرى بولسا، % 300 بويىچە تاپشۇرىدۇ. سىزنىڭ ئىش ھەققىڭىز پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ% 60 تىن% 300 كىچە بولىدۇ، ئەگەر ئىدارە سىزنىڭ ئەمەلىي ئىش ھەققىڭىز بويىچە ھەق تاپشۇرمىغان بولسا، سىز ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىگە بېرىپ ئىقتىسادىي تەپتىش بۆلۈمى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شۆبە مەركىزى ياكى ئەمگەك مەمۇرىي تەپتىش تارمىقىغا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ، ئىدارە سىزگە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى تولۇقلاپ بېرىپ، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزنى قوغدايدۇ. 
ئەگەر ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي مائاشى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇق تاپشۇرمىغان بولسا، تەكشۈرۈپ تېپىلغان ھامان ئەمەلىي مائاشى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن سىرت، يەنە ئۆسۈم ۋە كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى قوشۇپ ئېلىنىدۇ. 
« ئىدارە-ئورگانلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» بىلەن« شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» نىڭ قانداق پەرقى بار؟ 
توغرىسىنى ئېيتقاندا، « ئىدارە - ئورگاندا سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» دېگىنىمىز، 
ئىدارە - ئورگان بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندا چوقۇم ئىدارە - ئورگان شەكلىدە سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى كۆرسىتىدۇ؛ « شەخس سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» دېگىنىمىز، خىزمەت ئورۇن يوق ئادەم ئۆزى ھەق تاپشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى: بىرىنچى، سۇغۇرتىغا قاتناشقان سۇغۇرتا تۈرى ئوخشىمايدۇ، « ئىدارە - ئورگانلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» تا كۈتۈنۈش، ئىشسىزلىق ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بار، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ؛ « شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» تا پەقەت كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىلا بولىدۇ. ئىككىنچى، ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ، « ئىدارە - ئورگان سۇغۇرتىغا قاتناشقان» بولسا، كۈتۈنۈش ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئورۇنلار ئورتاق تاپشۇرىدۇ، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى پۈتۈنلەي ئىدارە تاپشۇرىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى شەخس% 8، ئىدارە - ئورگان% 16، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنى شەخس% 0.5، ئىدارە - ئورگان% 0.5 ئۈستىگە ئالىدۇ. « ئىدارە - ئورگان سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» تىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى شەخسىي ھەق نىسبىتى% 8، « شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» ھەق نىسبىتى% 20، « شەخسلەر سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» تىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەق نىسبىتى« ئىدارە - ئورگانلار سۇغۇرتىغا قاتنىشىش» تىن 12 پىرسەنت پوئېنت كۆپ بولىدۇ. شۇڭا، ئىدارىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر چوقۇم ئىدارە سىزگە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىغىلى بولىدۇ، ئىدارە بولمىغان بولسا، سىز پەقەت ئۆزىڭىز سۇغۇرتىغا قاتنىشىش رەسمىيىتىنى بېجىرەلەيسىز. 
ھەمبەھىرلەش