سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ماركا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى نىمە ؟

سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى ماركا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ  ئاساسلىق خىزمىتى نىمە ؟
ماركا نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنىڭ كونكىرىت تەدبىر، چارىلىرىنى بىكىتىش ، قانۇن بويىچە ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش ، ساختا ماركا ئەنزىلىرىنى ۋە ماركا ئىشلىتىش جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، رويىخەتكە ئېلىنغان ماركىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ، ماركا بېسىش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئاپاراتلىرى ياكى ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىش ، بەلگىلىمە بويىچە مەشھۇر ماركا (著名商标) بىكىتىش ۋە داڭلىق ماركا (驰名商标) كۆرسىتىش .
ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك ؟

1-دۆلىتىمىزدە ماركا  رويىخەتكە ئېلىش ئىشلىرىنى دۆلەتلىك سودا – سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قارمىقىدىكى ماركا ئىدارىسى بىجىرىدىغان بولۇپ ، ئورنى بېيجىڭدا ، يەنى بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايۇنى سەنلىخې شەرقى يولى 8- نومۇرغا جايلاشقان جوڭگو ماركا ئىشلىرى بىناسى ( 中国商标大楼) غا بېرىپ ، ماركا ئىلتىماسىڭىزنى تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ . يەرلىك سودا- سانائەت ئىدارىلىرى ماركا نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ، بىۋاستە ماركا رويىخەتكە ئېلىش ئىشلىرىنى بىجىرمەيدۇ .
2-ھەرقايسى جايلاردىكى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا بېرىپ ۋەكالىتەن ئەنگە ئالدۇرۇش .
ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار :
ماركا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ماركىغا تاللىغان سۆزلىك ياكى بەلگىنى ياخشى تەكشۈرۈش ، سىز ئالماقچى بولغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىدە شۇ سۆز ياكى بەلگىگە ئوخشاش ياكى يېقىن كىلىدىغان ماركىنىڭ بار يوقلىقىنى ئېنىق بىلىش كىرەك ، ئۇنداق بولمىغاندا ، ماركا ئىدارىسى رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇش ئىھتىماللىقى بار ، ھەرقانداق ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلغۇچىغا كەسپى جەھەتتىن يول كۆرسىتىش ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ، ئىقتىسادى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن كېلىپ چىقىشى مۈمكىن بولغان خېيىم – خەتەرنى ئېنىق ئەسكەرتىش مەجبۇرىيىتى بار. باشقىلار ئېلىپ بولغان ياكى قۇبۇل قىلىنماسلىقى ئېنىق بولغان ماركىنى زورلاپ ماركا ئىدارىسىغا يوللىغاندا ماركا ۋەكالەتچىلىرىنىڭ ئىناۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن ۋەكالەتچىلىك ھەققى ئالغانغا لايىق ئەستايىدىل مۇلازىمەت قىلىشى ، توغرا يول كۆرسىتىشى ، بىردەملىك مەنپەئەتنى دەپ ئۆز يولىنى توسۇپ قويماسلىقى كىرەك . مۇھىمى ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ماركا رويىخەت ئالغۇچىغا ئىلتىماس سۇنۇشتىن تارتىپ ، ماركا ئىدارىسىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ، ماركا ھوقۇق كىنىشكىسى چىقىش جەريانى ياكى بۇ جەرياندا يۈز بېرىشى مۈمكىن بولغان رويىخەتكە ئېلىش ئىلتىماسى قايتۇرىۋىتىلىش ئىشلىرىغا نىسبەتەن يىتەكچىلىك قىلىش ياكى يول كۆرسىتىش خىزمەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي ئىشلىشى كىرەك ، ھەرگىزمۇ بەزى بىر كەسپنى چۈشەنمەيدىغان بۇرادەرلىرىمىز دىگەندەك خېرىدارنىڭ پۇلىنى ئېلىپ ، ئىلتىماسنى سۇنۇپ قويسىلا بولىدىغان ئىش يوق ، شۇنداقلا ، ئىمان – ئىتىقادى ۋە ۋىجدانى بىلەن خېرىدارغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزىنى خېرىدارنىڭ ئورنىدا قۇيۇپ ، ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ، خېيىم – خەتەرنى ئېنىق ئەسكەرتىش ، يالغان دوكلات مەلۇم قىلىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش قىلمىشلىرىنى قەتتىي قىلماسلىقى كىرەك، مىنىڭچە ، ماركا ۋەكەلەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن گۇمانلىنىپ ، دەلىل – ئىسپاتسىزلا شۇنداق گەپ – سۆزلەرنى تارقاتقۇچىلار ئۆزلىرى دەل شۇنداق يامان نىيەتتە بولغانلىقى ئۈچۈنلا شۇنداق خىياللاردا بولۇپ ، باشقىلارغا مەجبۇرى چاپلايدۇ .
ماركا رويىخەت ئىلتىماسى سۇنۇلۇپ تەخمىنەن 4 ئايدىن 6 ئايغىچە ۋاقىتتا دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدە تەكشۈرۈشكە بولىدۇ ، بەزىدە سەل كىچىكىشى مۈمكىن ، بۇ ماركا ئىدارىسىنىڭ خىزمىتى . توردا ماركا تەكشۈرۈش ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ياكى يېقىن مەنىدىكى تەكشۈرۈش دىگەندەك بىرقانچەتۈرلىك بولۇپ ، ماركا تەكشۈرگەندە بەلكىم سىز تەكشۈرگەن ۋاقىتتىن ئىلگىرىكى يېرىم يىل ئىچىدىكى ماركا ئۇچۇرىنى تەكشۈرگىلى بولماسلىقى مۈمكىن ، بۇ دۆلىتىمىزدىكى ھەرقانداق ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئۇچرايدىغان ئورتاق مەسىلە، بۇنى ماركا ئىدارىسىنىڭ خىزمەت تەرتىۋىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ھەرقانداق ماركىنى ئىلتىماس قىلغاندا بۇخىل خېيىم – خەتىرىنى چوقۇم ئويلىشىش كىرەك . قانداق بولار؟ زىيان چىقارمۇ ؟ دەپ ئويلىنىپ ئولتۇرسىڭىز كىچىكىپ قېلىشىڭىزمۇ مۈمكىن . ەخ
ھەمبەھىرلەش