دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى


دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشى
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسات ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش ، ئاۋامنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش ، ماركا رويىخەتكە ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىپ ، تاپشۇرىدىغان رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ، مەزكۇر ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ، ئىدارىمىز يەككە تىجارەتچىلەر ماركا رويىخەت ئىلتىماسى سۇنغاندا تاللىغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت دائىرىسى تىجارەت كىنىشكىسىدە رۇخسەت قىلىنغان تىجارەت دائىرىسىدە بار – يوقلىقىنى تەكشۈرمەيدۇ . ئىلتىماس قىلغۇچى تىجارەت دائىرىسى يېزىلمىغان يېڭى نۇسقىدىكى يەككە تىجارەت كىنىشكىسى ئارقىلىق ماركا رويىخەت ئىلتىماس ئىشلىرىنى بىجىرگەندە ، تىجارەت كىنىشكىسىنى تىزىملاتقۇچى ئورۇننىڭ تور بېكىتىدىن تىجارەت دائىرىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپات ماتىرىيالىنى بېسىپ چىقىرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ . ماركا ئكتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىدىمۇ ، ماركا ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى تەبىئىي شەخس بولغاندا يوقارقى بەلگىلىمە بويىچە بىجىرىلىدۇ .
دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى
2016- يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى
ئىزاھات : يوقارقى ئۇقتۇرۇشتىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى ، بۇرۇن يەككە تىجارەتچىلەر ماركا رويىخەت ئىلتىماسى سۇنغاندا ، تىجارەت كىنىشكىسىدىكى تىجارەت دائىرىسى ئىچىدىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكىلا ماركا رويىخەت ئىلتىماس قىلالايتى ، بۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ ، تىجارەت دائىرىسىدىن سىرتقى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تاللاپ رويىخەت ئىلتىماسى سۇنسىمۇ بولىۋىرىدىغان بولدى .
ماركا تورى www.marka.cn تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ . 
ھەمبەھىرلەش