داڭلىق ماركا دىگەن نىمە ؟داڭلىق ماركا بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كىرەك ؟ئۇ قانداق ئىمتىيازلارغا ئىگە ؟

داڭلىق ماركا دىگەن نىمە ؟داڭلىق ماركا بولۇش ئۈچۈن قانداق شەرتلەر كىرەك ؟ ئۇ قانداق ئىمتىيازلارغا ئىگە ؟
   داڭلىق ماركا بولسا جەمئىيەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئاممىغا تۇنۇشلۇق بولغان ۋە بىر قەدەر يوقۇرى ئىناۋەتكە ئىگە بولغان ماركىنى كۆرسىتىدۇ ، بۇ يەردىكى «مۇناسىۋەتلىك ئامما » بولسا ماركا ۋەكىللىك قىلغان  مەلۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىستىمالچىلار ۋە بۇ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ تىجارىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان باشقا تىجارەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ .
  داڭلىق ماركىنىڭ شەرتلىرى :
  دۆلىتىمىز « ماركا قانۇنى » نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، داڭلىق ماركا  سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئويلىشىش كىرەك :
(1)   ئاممىنىڭ بۇ ماركىغا نىسبەتەن بىلىش دەرىجىسى
(2)   مەزكۇر ماركىنىڭ ئىزچىل ئىشلىتىلىش ۋاقتى
(3)   ماركىنىڭ بارلىق تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ ئىزچىللىق ۋاقتى ، دەرىجىسى ۋە جۇغراپىيەلىك دائىرىسى
(4)   مەزكۇر ماركىنىڭ  داڭلىق ماركا  شەكلىدە قوغدىلىش خاتىرىسى .
(5)   مەزكۇر ماركىنىڭ داڭلىق بولۇشىدىكى باشقا تەرەپلەر .
ماركا ئىدارىسى ، ماركا باھالاش كومىتىتى داڭلىق ماركا  بىكىتكەندە ، يوقارقى تەرەپلەرنى ئومۇميۈزلىك ئويلىشىشى ، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ھازىرلاشقا تىگىشلىك ئالدىنقى شەرت قىلىۋالماسلىقى  كىرەك .
دۆلىتىمىزدىكى  داڭلىق ماركىنىڭ قوغدىلىشى
  دۆلىتىمىزنىڭ  داڭلىق ماركا قوغداش قانۇنى بىرقەدەر كىيىن تۇرغۇزۇلغان ، «داڭلىق ماركا بىكىتىش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى » دا داڭلىق ماركىنى  قوغداش ئاساسلىق تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ :
1.   نامۇۋاپىق رويىخەتكە ئالدۇرۇشنى چەكلەش  
  باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كىتىدىغان ماركىنى ئوخشىمىغان تاۋار تۈرىدە ئىلتىماس قىلغاندا داڭلىق ماركا ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىشى مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا ئىدارىسى بۇ خىل ئىلتىماسنى قايتۇرىۋەتسە بولىدۇ . تىزىملىتىپ بولۇنغان ماركىغا نىسبەتەن ، داڭلىق ماركا ئىگىسى ماركا  باھالاش كومىتىتىدىن بۇ ماركىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
2.   نامۇۋاپىق ئىشلىتىشنى چەكلەش 
  باشقىلارنىڭ داڭلىق ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كىتىدىغان ماركىنى ئوخشىمىغان تاۋار تۈرىدە ئىشلەتكەندە ۋە بۇ تاۋارنىڭ ( مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت ) داڭلىق ماركا ئىگىسى بىلەن مەلۇم مۇناسىۋىتى بارلىقىنى يۇشۇرۇن كۆرسەتكەندە، مەزكۇر داڭلىق ماركا ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىشى مۈمكىن ، بۇ چاغدا ، داڭلىق ماركا ئىگىسى سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرىدىن ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشىنى  تۇسۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ .
3.   نام قىلىپ قوللىنىشنى چەكلەش
  داڭلىق ماركا بىكىتىلگەن كۈندىن باشلاپ ، باشقىلار مەزكۇر داڭلىق ماركا بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان خەتنى كارخانا نامىنىڭ بىرقىسمى قىلىپ قوللانغاندا ئامما ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىشى مۈمكىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بۇخىل كارخانا نامىنى تىزىملىمايدۇ ، تىزىملاپ بولۇنغانلىرى بولسا ، داڭلىق ماركا ئىگىسى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ . دۆلىتىمىزنىڭ تۈزىتىلگەن ماركا قانۇنىنىڭ 13- ماددىسىدا داڭلىق ماركىنى قوغداشنى ئوخشىمىغان تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتكىچە كىڭەيتكەن بولۇپ ، داڭلىق ماركىنى قوغداشنىڭ قانۇنى شەكلى رەسمى تۇرغۇزۇلغان .  
 مەنبەسى : قانۇن تېز پويىزى تورى
ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى

ھەمبەھىرلەش