تاۋار ماركىسى ئۈستىدىكى R ياكى TM نىڭ نىمە مەنىسى بار؟

 چەمبەر ئىچىدىكى Rبولسا « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» نىڭ بەلگىسى، بۇ تاۋار ماركىسىنى دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان ھەمدە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈپ ماقۇللاپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئايلانغان دېگەنلىك.  چەمبەردىكى R بولسا ئىنگىلىزچە register (تىزىملىتىلغان) دىگەن سۆزنىڭ باش ھەرپى.  رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى يەكلىمىلىك، مونوپول قىلىشچانلىق، بىردىنبىرلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىگىسىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق كارخانا ياكى شەخس رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچىنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي ياكى ھوقۇق بەرمەي تۇرۇپ، ئۆزى ئىشلەتسە بولمايدۇ، بولمىسا ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
  TM بولسا تاۋار ماركىسى بەلگىسى دېگەن مەنىدە، يەنى TM نىڭ يېزىقى، شەكلى ياكى بەلگىسى "تاۋار ماركىسى" دەپ ئەسكەرتىلگەن، لېكىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇشى ناتايىن (رويخەتكە ئېلىنمىغانلىرى قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ).  TM بولسا ئىنگىلىزچە trade mark نىڭ قىسقارتىلمىسى.

    جۇڭگودا تاۋار ماركىسىدىكى TMمۇ ئالاھىدە مەنىگە ئىگە، ئەمەلىيەتتە TMبەلگىسى تاۋار ماركىسىنى قوغداش رولىنى ئوينىمايدۇ، ئۇ Rغا ئوخشىمايدۇ، TM بولسا بۇ تاۋار ماركىسىنى دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلغانلىقىنى، دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىمۇ قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، ئەمەلىي تەكشۈرۈش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ، بۇنداق بولغاندا باشقىلارنىڭ تەكرار ئىلتىماس سۇنۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، يەنە ھازىرقى تاۋار ماركىسى ئىگىدارىنىڭ ئالدىن ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
 دۆلىتىمىزدە رويىخەتكە ئېلىنغان ماركىلارغا چەمبەر ئىچىدىكى Rھەرىپىدىن باشقا ، يەنە دۆلەت يېزىقىدىكى “注” دىگەن خەت بېسىلىپ، مەزكۇر تاۋار ماركىسىنىڭ دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن رويىخەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىلىدۇ.
دىققەت: مەيلى R بولسۇن، TM ياكى “注” بولسۇن، چوقۇم ماركا بەلگىسىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستى ياكى ئاستى بۇرجەككە قويۇلۇشى كىرەك، خالىغانچە ئورنىنى ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ.
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى تەييارلىغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 

ھەمبەھىرلەش