ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا تىزىملىتىش قەدەم باسقۇچلىرى
ماركا تىزىملىتىش قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ماركا بەلگىسى ، ماركا خېتىنى مۇقىملاشتۇرۇش( ئۇيغۇرچە كونا يېزىق، پىنيىنچە ، خەنزۇچە يېزىلىشلىرىنى بىراقلا تىزىملاتساقمۇ ياكى پەقەت بىرخىلىنى تىزىملاتساقمۇ بولىۋىرىدۇ.) ؛
2-شۇ ماركىنى تىزىملاتماقچى بولغان تۈرنى ئېنىق بەلگىلەش( ماركىنى قايسى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىڭىزنى ئېنىق بىكىتىڭ).
3- ئىشەنچلىك ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا شۇ ماركىنى تەكشۈرتۈپ، تىزىملاتقىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەھلىل قىلىش ( ماركا تەكشۈرۈشمۇ ۋاقىت، ئادەم كۈچى كىتىدىغان جەريان ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنساپ ۋە ۋىجدانىمىزنى ، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ، بىزنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىڭ!) .
4- ماتىرىيال تەييارلاش:
شەخسى نامغا ماركا تىزىملىتىشقا لازىملىق ماتىرىياللار تۆۋەندىكىچە:
شىركەت ، كوپراتىپ نامىدا ماركا تىزىملىتىشتا لازىملىق ماتىرىياللار تۆۋەندىكىچە:
بۇنىڭدىن باشقا ماركا ئىدارىسىغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنى شىركىتىمىز ئۆلچەملىك تەييارلاپ يوللاپ بېرىدۇ.
5- ھەق تاپشۇرۇش:
مەيلى شەخسى نامدا ياكى شىركەت نامىدا ماركا تىزىملىتىش بولسۇن، بىر تۈر ئۈچۈن 1000 يۈەن ھەق تاپشۇرىسىز( بۇ ماركا ئىدارىسىغا تاپشۇرىدىغان تىزىملىتىش ھەققى ۋە مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ) ئەگەر تىزىملاتماقچى بولغان ماركىنىڭ تۈرى كۆپ بولسا مەلۇم نىسبەتتە ئىتىبار قىلىمىز. پۇلنى بانكا ، ئۈندىدار، ئالى چىقىمدانى قاتارلىقلار ئارقىلىق تاپشۇرۇشقا بولىدۇ. ( دىققەت: ماركا تىزىملىتىشتا بىر تۈرگە 1000 يۈەن تاپشۇرساقلا بولدى، كىيىن باشقا چىقىم يوق، شىركىتىمىز ماركا كىنىشكىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، تېز يوللانما ئارقىلىق خېرىدارغا ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز.)
ۋەكالىتەن ماركا تىزىملىتىش مۇلازىمىتى چۈشەندۈرۈلۈشى
ماركا سىزنىڭ بازارغا سالغان مەلۇم خىل تاۋار ياكى مۇلازىمىتىڭىزنى ئوخشاش تۈردىكى باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش، بازاردىكى ئىناۋەت ۋە قانۇنى مەنپەئەتىڭىزنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم بولغان قۇرال بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىلىرى ياكى تىجارەتچىلىرىگە نىسبەتەن ناتۇنۇش ئەمەس . مۇكەممەل تىجارەت ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە قانۇنى ۋاستە ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىماقچى بولسىڭىز، ماركا سىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم !
ماركا چوڭ دائىرىدە 45 تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ ، بۇ 45 تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە ئونلىغان كىچىك تۈرلىرى بار.ئادەتتىكى ئۆلچەم بويىچە بولغاندا، بىر ماركىنى بىر قېتىمدا بىر چوڭ تۈردىكى 10 كىچىك تۈرگە تىزىملىتىمىز ، كىچىك تۈر 10 دىن ئاشقاندا يەنە قۇشۇمچە ھەق ھىساپلىنىدۇ. باشقا چوڭ تۈرگە تىزىملاتماقچى بولسىڭىز يەنە بىر ماركا تىزىملاتقانغا ئوخشاش بولۇپ ، شۇ ماركىنىڭ ئاشۇ تۈردىكى 10 كىچىك تۈرىگە تىزىملىتىمىز، لىكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تىزىملاتماقچى بولغان ماركىنى باشقىلار سىزدىن بۇرۇن شۇ تۈرگە تىزىملىتىپ بولمىغان ياكى شۇ ماركىڭىزنىڭ يېزىلىشىغا يېقىن بولغان باشقا ماركا يوق بولۇشى كىرەك . ئەگەر باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان ياكى يېقىن مەنىدىكى ماركا تىزىملىتىپ بولۇنغان بولسا سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ تىزىملىتىلىشى مەغلۇپ بولۇشى مۈمكىن، بۇنداق بولغاندا ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇشقا كەتكەن پۇلىڭىز قايتۇرۇلماسلىق بىلەن بىرگە ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن شۇ تۈرگە رۇيىخەتكە ئالدۇرۇلغان ياكى ئالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ، بۇنى تەكشۈرۈشتە ئادەتتە دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ .
بىرماركىنى تىزىملىتىشقا ئىلتىماس سۇنۇلغاندىن باشلاپ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتتە نۇرمال ئىشلىتىشكە بولىدۇ . ئىلتىماس سۇنۇلۇپ 2-3 ئاي ئىچىدە دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى ئەۋەتكەن ئىلتىماسنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇش خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالىمىز، بۇ ۋاقىتتا، ماركىغا TM بەلگىسىنى قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ . تەخمىنەن 1 يىل ئەتراپىدا ماركا ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىق ياكى قايتۇرۇلغانلىقى توغرىلىق ئۇقتۇرۇش خېتى كېلىدۇ . ئەگەر ئىلتىماس تەستىقلانغان بولسا، يەنە 3 ئاي ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلغاندىن كىيىن ، ھېچقانداق قارشى پىكىر بولمىسىلا ماركا رويىخەت كىنىشكىسى رەسمىي تەستىقلىنىپ ، ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىغا ئەۋەتىلىدۇ . ئەگەر ماركا تىزىملىتىش ئىلتىماسى قايتۇرۇلغان بولسا ، قايتۇرۇلۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈنگىچە ماركا باھالاش كومىتىتىغا نارازىلىق ئەرزى سۇنساق بولىدۇ ، بۇنىڭ چىقىمى ئادەتتە ماركا تىزىملىتىشتىن يوقۇرى بولىدۇ . ئەگەر نارازىلىق ئىلتىماسى قىلمىساق ياكى نارازىلىق ئىلتىماسىمىز تەستىقلانمىسا، ماركا ئىلتىماسىمىز قايتۇرۇلغان بولىدۇ ۋە ماركا ئىدارىسى تىزىملىتىش ھەققىنى قايتۇرمايدۇ. ئەگەر ماركا ئىلتىماسى قىسمەن قايتۇرۇلغان بولسا، قايتۇرۇلغان كىچىك تۈرلەر ئىلتىماستىن ئۈچۈرۈلۈپ، تەستىقلانغان تۈرلىرى بويىچە ماركا كىنىشكىسى بېسىپ چىقىرىلىدۇ.
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى دۆلەتلىك سودا -سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ھوقۇق بېرىلگەن ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنى بولۇپ،ۋەكالىتەن ماركا رويىخەتكە ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
شىركىتىمىز خېرىدارلار بىلەن ۋەكالىتەن ماركا تىزىملىتىش توختامى ئىمزالايدۇ ۋە يوقارقى بارلىق ئۇقتۇرۇش خېتى ۋە كىنىشكىلارنى ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىمىز تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، تېز يوللانما ئارقىلىق ھەقسىز يەتكۈزۈپ بېرىمىز. ماركا ئىلتىماسى قايتۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ماركىنى ئىتىبار باھادا قايتا يوللاپ بېرىمىز( تەپسىلاتىنى توختام مەزمۇنىدىن كۆرۈڭ.)

ھەمبەھىرلەش