ساختا ماركىدا مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ ساتقۇچىغا 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، ساختا تىزىملىتىلغان ماركا دىلولىرىغا زەربە بېرىش دوكلات يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى
  2016 - يىلى 6- ئاينىڭ 3- كۈنى ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ ، ساختا تىزىملىتىلغان ماركا دىلولىرىغا زەربە بېرىش دوكلات يىغىنى  بېيجىڭ مېيدىيا مەركىزىدە ئېچىلدى . 20 دىن ئارتۇق ئەقلىي مۈلۈك مۇتەخەسىسى ۋە بىرقىسىم داڭلىق ماركا كارخانىلىرى ساختا «جى لىيا » ماركىسى دىلوسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ، جىنايى ئىشلار بويىچە قوغداشنى كۈچەيتىپ ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشقا باشلامچىلىق قىلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا قىزغىن بەس – مۇنازىرە ئېلىپ باردى .
2015- يىلى 6- ئايدا ، بۇ دىلودىكى جاۋاپكار خۇاڭ فامىللىك شاڭخەيدە 2015- يىللىق %1 شەھەر نوپۇسىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ، شاڭخەي شەھەرلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سوۋغاتلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان 700مىڭ تال لۈڭگە ئۈچۈن ئاشكارا خېرىدار چاقىرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، بۇ سودىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىيەت قىلغان . 2015- يىلى 7 – ئايدا ، خۇاڭ فامىللىك شاڭخەي سىتاتىستىكا ئىدارىسى تارقىتىش مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ مەسئۇلى خې فامىللىك بىلەن بۇ ھەقتە مەسلىھەتلىشىپ ، مەزكۇر پونكىت بۇ قېتىمقى خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىدىغان ، بۇنىڭغا كىتەرلىك ماتىرىيالنى خۇاڭ فامىللىك تەييارلايدىغان بولغان . ئارقىدىن خۇاڭ فامىللىك لۈڭگىنىڭ نۇسقىسىنى سېتىۋالغان ۋە تىزىملىتىلغان «جى لىيا » ماركىسىدىكى ئورالما قاپ ، ئاسما ماركا خەتكۈچ ، چاپلىما قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەن ۋە ئۆزى ياسىۋالغان جى لىيا شىركىتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان ھوقۇق بېرىش خېتىنى ياسىغان . شاڭخەي سىتاتىستىكا تارقىتىش مۇلازىمەت پونكىتى بۇ ماتىرىياللار بىلەن خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقان ۋە 8-ئاينىڭ 9 – كۈنى بۇ سودىنى قولغا كەلتۈرگەن . 8- ئاينىڭ 13- كۈنى ، خۇاڭ فامىللىك شاڭخەي سىتاتىستىكا تارقىتىش مۇلازىمەت پونكىتى بىلەن لۈڭگە سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىغان بولۇپ ، ئومۇمى سوممىسى 5مىلىيۇن 610 مىڭ يۈەن .خۇاڭ فامىللىك ئايالى ۋە قىزىنىڭ نامىدا ۋېنجوۋ كېنتەي شىركىتىنى تىزىملىتىپ ، بۇ شىركەت ئارقىلىق سىرتتىن ساختا مەھسۇلات سېتىۋالغان . 10- ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە لۈڭگىلەر توشۇلۇپ بولغان ، تەمىنلىگەن ئومۇمى مال سوممىسى 5مىلىيۇن 610 مىڭ يۈەن بولغان . شاڭخەي سىتاتىستىكا تارقىتىش مۇلازىمەت پونكىتى بۇ لۈڭگىلەرنى تېخىمۇ يوقۇرى بولغان باھا بىلەن شاڭخەي سىتاتىستىكا ئىدارىسىغا ساتقان ، ئەمەلىي سېتىلغان ساختا «جى لىيا » ماركىسىدىكى قوش قاچىلانغان لۈڭگە 361130 قاپ ، 722260 تال بولۇپ ، 360مىڭ كىشىگە تارقىتىپ بېرىلگەن .
2015- يىلى10-ئاينىڭ 22- كۈنى ، جىلىيا شىركىتى دىلو مەلۇم قىلغان ، 10-ئاينىڭ 23- كۈنى ج خ ئىدارىسى دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن . 2016- يىلى 4- ئاينىڭ 19 – كۈنى ، شاڭخەي شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا سوت مەھكىسىمى جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىپ ، جاۋاپكار خۇاڭ فامىللىكنىڭ ساختا تىزىملىتىلغان ماركا جىنايىتى ئۈچۈن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىپ ، 4 يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ، 500مىڭ يۈەن جەرىمانە قۇيۇشقا بۇيرۇلغان .
  يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسىسلەر مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى : نۆۋەتتە ، دۆلىتىمىزدىكى داڭلىق ماركا ياراتقان كارخانىلار ناھايىتى زور چىقىم قىلىپ تەتقىقات ئىشلىرى ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ، تەشۋىقات ئۈچۈن سەرپ قىلماقتا ، يەنە كۆپلىگەن ئىقتىسات ۋە ئادەم كۈچى ئاجرىتىپ ساختا مەھسۇلاتلارغا زەربە بەرمەكتە ، ئەگەر ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يىتەرلىك بولمىسا ، ساختا تاۋارلار يامراپ كىتىدۇ ، قانۇن ئىجرا قىلىش كۈچى ئاجىز بولسا ، داڭلىق ماركا كارخانىلىرىنىڭ كىرىمى تۈۋەنلەپ ، تەتقىقات سېلىنمىسى يوقىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى جىنايى قىلمىشلىرىغا زەربە بېرىشنى كۈچەيتىپ ، ھوقۇقدار ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قوغداپ ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان جىنايى قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز ، داڭلىق ماركا ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىپ ، ماركا قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشىمىز كىرەك .
 
دۆلەتلىك ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىدىن تەرجىمە قىلىندى .
ماركا تورى www.marka.cn
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ .
 
ھەمبەھىرلەش