ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش كەسپى



ئۇيغۇر ماركا تورى بولسا شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى مەخسۇس ماركا تەشۋىق قىلىش، ماركا رۇيىخەتكە ئېلىش ،
ماركالايىھىلەش، شىركەت ماركا ۋە مۇلازىمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش ، توربېكەت ئىشلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي تور بېكەت
بولۇپ ، سىزنى  ئىشەنچىلىك ۋە كۆڭۈلدىكىدەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ . 
تور بېكىتىمىز شىنجاڭدىكى ئەڭ كەسىپلەشكەن ماركا مۇلازىمەت كەسپى تور بېكىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ماركا كەسپى مۇلازىمەت شىركىتى جوڭخۇا ماركا بازىرى شىركىتى ( جوڭ شى رۈەن ) بىلەن ھەمكارلىق توختامى ئىمزالىغان بولۇپ ، تور بېكىتىمىز مەزكۇر شىركەتنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋەكالەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ماركا رويىخەتكە ئالدۇرۇش ، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ، ماركا ئىگىسى نامىنى ئالماشتۇرۇش ، ماركا تۈرلىرىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ، ماركا سېتىش ، پاتېنت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلىش ، قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 

ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇش : 
ماركا سىزنىڭ بازارغا سالغان مەلۇم خىل تاۋار ياكى مۇلازىمىتىڭىزنى ئوخشاش تۈردىكى باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەردىن پەرقلەندۈرۈش ، بازاردىكى ئىناۋەت ۋە قانۇنى مەنپەئەتىنى قوغداشتا ناھايىتى مۇھىم بولغان قۇرال بولۇش سۈپىتى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىلىرى ياكى تىجارەتچىلىرىگە نىسبەتەن ناتۇنۇش ئەمەس . مۇكەممەل تىجارەت ياكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ، كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش بىلەن بىرگە قانۇنى ۋاستە ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق - مەنپەئەتىڭىزنى قوغدىماقچى بولسىڭىز، ماركا سىز ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم !

ماركا چوڭ دائىرىدە 45 تۈرگە بۈلۈنگەن بولۇپ ، بۇ 45 تۈرنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە ئونلىغان كىچىك تۈرلىرى بار.بىر ماركىنى بىر قېتىمدا بىر چوڭ تۈردىكى ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 كىچىك تۈرگە تىزىملاشقا بولىدۇ ، باشقا چوڭ تۈرگە تىزىملاتماقچى بولسىڭىز يەنە بىر ماركا تىزىملاتقانغا ئوخشاش بولۇپ ، شۇ ماركىنىڭ ئاشۇ تۈردىكى 10 كىچىك تۈرىگە تىزىملىتالايسىز، لىكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تىزىملاتماقچى بولغان ماركىنى باشقىلار سىزدىن بۇرۇن شۇ تۈرگە تىزىملىتىپ بولمىغان ياكى شۇ ماركىڭىزنىڭ يېزىلىشىغا يېقىن بولغان باشقا ماركا يوق بولۇشى كىرەك . ئەگەر باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان ياكى يېقىن مەنىدىكى ماركا تىزىملىتىپ بولۇنغان بولسا سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ تىزىملىتىلىشى مەغلۇپ بولۇشى مۈمكىن، بۇنداق بولغاندا ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇشقا كەتكەن پۇلىڭىز قايتۇرۇلماسلىق بىلەن بىرگە ۋاقتىڭىز ئىسراپ بولىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، ماركا تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى ماركىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن شۇ تۈرگە رۇيىخەتكە ئالدۇرۇلغان ياكى ئالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم ، بۇنى تەكشۈرۈشتە ئەدەتتە دۆلەتلىك ماركا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ تەكشۈرسىڭىز بولىدۇ ، لىكىن ، بۇ يەردىكى ماركىلارنىڭ يېڭىلىنىشى بىر قەدەر ئاستا ، شەكىللىك تىزىملىتىلغان ماركىلارنى تەكشۈرۈش قىيىن ، شۇنىڭ ئۈچۈن كەسپى ماركا تەكشۈرۈش دىتاللىرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ جەزىملەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم . 

ئۇيغۇرلار ماركا تورى  سىزنى  ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇش ،ماركا سېتىش ، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ، ماركا ئىگىسى نامىنى ئالماشتۇرۇش ،  ماركا لايىھىلەش ، ماركە تەشۋىق قىلىش ، شىركەت تور بېكەتلىرىنى لايىھىلەش ، شىركەت مۇلازىمەتلىرىنى تەشۋىق قىلشى قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ . 

ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇش :  . 
ماركا رۇيىخەتكە ئالدۇرۇشتا بىر ماركىنى 1 چوڭ تۈرنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 دانە كىچىك تۈرىگە تىزىملاش بىرلىك قىلىنىپ ھەق ئېلىنىدۇ .  

شىركەت نامىدا ماركا تىزىملاتماقچى بولسىڭىز تىجارەت كىنىشكىڭىزنىڭ كۆپەيتمىسىنى تەمىنلىسىڭىز بولىدۇ ، باھاسى 1600 يۈەن .
يەككە تىجارەت كىنىشكىسىگە ماركا بىجىرمەكچى بولسىڭىز تىجارەت كىنىشكىڭىزدە سىز رويىخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان  تۈر بولۇشى كىرەك . تىجارەت كىنىشكىسى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتمىسىنى تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ ، تىزىملاش ھەققى 1800 يۈەن . 
شەخسى نامدا ماركا بىجىرمەكچى بولسىڭىز پەقەت كىملىكنىڭ كۆپەيتمىسىنى تاپشۇرسىڭىزلا بولىدۇ ، تىزىملىتىش ھەققى 2000 يۈەن . 
ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتماقچى بولسىڭىز بىر ماركىغا 3000 يۈەن ، ۋاقىت 10 يىل ئۇزىرايدۇ . 

ماركا لايىھىلەش : ماركا ئىگىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ماركا لايىھىلەش باھاسى بىكىتىلىدۇ ، ئادەتتىكى ماركىلار 1000 يۈەندىن ياسىلىدۇ ، تەلەپ يوقۇرى بولغان ئالاھىدە ماركىلارنىڭ لايىھىلەش باھاسىنى يۈزتۇرانە دىيىشىمىز. 

ماركا تەشۋىق قىلىش : ماركا تورىنىڭ تەۋسىيىلىك ماركىلار قاتارىدا ماركىڭىزنى تەشۋىق قىلىمىز، ئۇنىڭدا ماركا رەسىمى ، ماركائىگىسى ، تور بېكىتى ، ئالاقىلىشىش ئادرىسى ، تېلېفون نومۇرى ، شىركەت ياكى مۇلازىمەت ، مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەزمۇنلار بار بولۇپ ، بىر ئايلىق تەشۋىق قىلىش ھەققى 400 يۈەن ، يىللىق بىراقلا توختاملاشسىڭىز يىللىق ئومۇمى باھاسى 4000 يۈەن( ئەسلى باھاسى 4800يۈەن )بولىدۇ . 

ئۇيغۇر خەتتاتلىقى مۇلازىمىتى : شىركەت ۋىۋىسكا ، ماركا، كىتاب مۇقاۋىسى قاتارلىقلارغا ئۇيغۇرچە ھەرخىل نۇسقىلاردا خەت يېزىپ بېرىمىز ، بۇنىڭ باھاسى خەتنىڭ ئاز - كۆپلىكى ۋە خەت يازدۇرغۇچىنىڭ ئەمەلىي تەلىپىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ . 

تور بېكەت لايىھىلەش : شىركەت - كارخانىلار ئۈچۈن مۇكەممەل تور بېكەت ياساپ بېرىمىز، بۇنىڭدا تور بېكەتنىڭ كومپىيۇتېر ۋە يانفۇن نۇسقىسى تەڭ ياسىلىدۇ ، ئادەتتىكى شىركەت تور بېكەتلىرىنىڭ بىر تىللىقى 5000 يۈەن ، ئەگەر بىر خىل تىل قۇشۇلسا يەنە 5000 يۈەن قۇشۇپ ھىسابلىنىدۇ . (ئادەتتە ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە ، ئىنگىلىزچە ئۈچ خىل تىلدا ئىشلەيمىز ) ، باشقا يوقۇرى تەلەپتىكى تور بېكەتلەرنى يۈز تۇرانە سۆزلىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىكىتىمىز . 

ماركا تورىنىڭ ئالاقىلىشى ۋە مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13899923484
نۇرمال خىزمەت ۋاقتىدا تېلېفون قىلىڭ ( ئادەتتە ھەر كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 8:00 دىن كەچ 9:00 غىچە بولغان ۋاقىتتا تېلېفون قىلسىڭىز بولىدۇ . )
 


 
ھەمبەھىرلەش